باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ سىرتقا يۈزلەنمەكتە

2016.10.08 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىمەكتە، بارغانچە كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرى چەتئەلگە يۈزلىنىپ، بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردە ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇپ، ئىنچىكە خىمىيە سانائىتى كەسپى توپىنى بەرپا قىلدى.

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا جانلىنىۋاتقان شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولغان ئالاھىدە ترانسىپورموتور سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى يېشىل ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش ترانسىپورماتور ساھەسىدىكى يەر شارىدىكى ئىلغار تېخنىكىسىغا تايىنىپ، ئۈسكۈنە جۇڭگودىن، ئۈسكۈنە دۇنياغا ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئالاھىدە ترانسىپورموتور سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شىن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە ترانسىپورموتور سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەردە ئېلىپ بارغان ئېلېكتىر يىپەك يولى ۋە دۇنيا ئېنېرگىيە ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشى 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن جۇڭگونىڭ ئىلغار ماشىنا ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسىپورتىغا، ئون مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ مېيكې گۇرۇھى بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەسى ۋە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونغا جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى سۇيۇق خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېكسىپورت قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

  ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكمۇ شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئالدى بىلەن سىرتقا يۈزلىنىشىگە ئاساسىي شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شىنجاڭنىڭ قەشقەردىن يولغا چىقىپ، ئېگىزلىك، جىلغا، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، گۇۋادار پورتىدىن دېڭىزغا كىرىدىغان جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىدىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن. بىر بەلباغ بىر يولدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە، ئۇ ئېلىمىزدىكى كارخانىلارنى نەزىرىنى غەربكە قارىتىشقا جەلپ قىلماقتا، شۇنداقلا خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى قىزىق رايونغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى كارخانىلار شەك شۆبھىسىزكى بۇ ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلامچىلىرى.

  جۇڭگو تاشقى تىرانسپورت چاڭخاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى بىلەن پاكىستان دۆلەتلىك مال ئوبوروت مەركىزى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، خەلقئارا مال ئوبوروتى كەسپىنى قانات يايدۇردى؛ ئالاھىدە ترانسىپورموتور سانائىتى پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان پاكىستاندىكى تۇنجى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مېگاۋات كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھى ئىلغار سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق گۇادارغا شەھەر يېشىللاشتۇرۇش تۈرىنى قۇرۇپ بەردى، بۇ تۈرلەر جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تۈرلەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا تولۇقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يۆتكىلىش ئالاھىدىكىنى گەۋدىلەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر