باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم دەرياسى ۋەدىسى قۇملۇقى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2016.10.08 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تارىم دەرياسى ۋادىسى قۇملۇقى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىرىنچى دىۋىزىيەسى ئارال شەھىرى 12-پولكىنىڭ غەربى چېتىدىكى قۇملۇقتا تۆت يىل بۇرۇن «بوز يېرىم» فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنغان، شۇندىن باشلاپ بۇ يەر كىشىلەر دائىم كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان جاي ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خادىملىرىنى مەشىق قىلىدىغان بازىغا ئايلاندى.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش باشلانغاندىن بۇيان تارىم دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئىككى چېتىدە جاي-جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.

  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئارال تەكلىماكان قۇملۇقى ئېغىزى دالا راللى مۇسابىقىسى ۋە دالا كىشىلىرى شىنجاڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ 10-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنى 3-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 400دىن ئارتۇق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى دالا مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ، نەچچە ئون مىڭلىغان ھەر مىللەت تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. تەكلىماكان بويى ۋە نەنگەن ئۆستىڭى ئارىسىدىكى تار سايلىق ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. ئارال شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى پولك-مەيدانلاردىكى مېھمانخانىلار توشۇپ كەتتى. پېشقەدەم ياردەم بەرگۈچى ياشلاردىن تەشكىللەنگەن يۈز كىشىلىك تارىم دەرياسى سەنئەت ئۆمىكى شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، 6-ئۆكتەبىر ئارال شەھىرىگە يېتىپ باردى.

  ئارال شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە، ئارال شەھىرى 100 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىك تەدرىجىي باش كۆتۈرىۋاتقان كەسىپكە ئايلىنىپ، چەكسىز ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر