باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابىتى دورىلىرى داڭلىق ماركا بەرپا قىلىشقا يۈزلەندى

زۇكام جەۋھىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2016.07.15 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇكام جەۋھىرى (ماتىرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ جۇڭيى ۋە مىللىي تېبابىتى دورىلىرى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى. 2015 - يىلى، پەقەت زۇكامنى داۋالايدىغان زۇكام جەۋھىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يىللىق سېتىلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 81 دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابىتى دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىدىن 12سى بار ئىكەن، 2015 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2010 - يىلىدىكى 1 مىليارد 102 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، زۇكام جەۋھىرىدىن باشقا، زۇپا جەۋھىرى، مۇرەككەپ يېزىخۇ ئەمىنى جەۋھىرى قاتارلىق ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى بازاردا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شىنجاڭ «يىندولەن » ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ھەر يىلى 40 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ مىللىي تېبابەتچىلىك − دورىگەرلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، زۇكام جەۋھىرى ۋە زۇپا جەۋھىرى قاتارلىق ئىككى خىل مەھسۇلات تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن؛ 47 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ئاتچوت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن؛ 30 خىل ئۇيغۇر تېبابىتى دورىسى بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر