باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجىدا ساياھەت قىزىدى، ئىيۇندىلا 10 مىڭدىن كۆپ ساياھەتچى كەلدى

2016.07.15 14:34         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غۇلجا تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ كەلمەكتە. غۇلجىنىڭ «ئالا يېرى يوق» ياپيېشىل تاغلىرى، چىرايلىق، پاكىزە ھويلا-ئارانلىرى، مېھماندوست، چاقچاقچى كىشىلىرى، ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى ... شىنجاڭدىكى، دۆلىتىمىزدىكى، ھەتتا چەت ئەللەردىكى ساياھەتچىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر ھەتتا غۇلجىغا بېرىش سەپىرىدىمۇ گۈزەل، كۆركەم تاغلاردىن، يايلاقلاردىن ھۇزۇرلىنىپ مېڭىش ئۈچۈن پويىز، ئاپتوبۇس ياكى ئائىلە ئاپتوموبىللىرىنى ئالدىن تاللايدۇ. ھەر يىلى يازدا غۇلجىنىڭ ساياھەتچلىكى ئەۋجىگە چىقىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 7-ئىيۇل غۇلجا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ ساياھەتچلىكنى كۈچەيتىشى بىلەن، غۇلجا شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە رايونىنىڭ بىرى بولغان قازانچى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى بارابارا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئىيۇندىلا بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 11 مىڭدىن ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر