خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئاۋات كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر 11-ئىيۇل ئامۋاي شىركىتى چەرچەن شۆبە شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، بۇ كەنتتىكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە 1000 يۈەندىن ئۇقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
سۈرەتتە: قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى