باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ياشلىق 100 سېكۇنتتى» فىلىمى ئېلان قىلىندى

2016.04.28 13:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ كامېرادا خاتىرىلەنگەن ئارزۇ - ئارمان ۋە كۆرەشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەرمىللەت ياشلىرىنىڭ قولنى - قولغا تۇتۇشۇپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان، ياشلاردىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۇرغۇتۇشنى ئاساسىي تېما قىلغان «ياشلىق 100 سېكۇنتتى» فىلىمىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 27 - ئاپرېل كەچ سىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ئۈچ يۈرۈش «ياشلىق 100 سېكۇنتتى» فىلىمىدە مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئىستودىيە قۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ياش ئەسقەر ئەكبەر، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر چىپاۋنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاسلىقى ئەتلەس بىلەن بىرلەشتۈرگەن تىككۈچى جيا يالىڭ، ئۇسسۇل يېتەكچىسى فۇرقەت باھادىرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى جاپا - مۇشەققەتلىرى، خۇشاللىقى، نەتىجىسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق دەۋرىمىز ياشلىرىغا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

  ___ مەن 2013 - يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، چوڭ ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن جەمئىيەتكە قەدەم قويغانىدىم، لېكىن رېئاللىق ماڭا ئىشلارنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتتى، ھازىر ئىستودىيەمىزدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز، شىبە قاتارلىق ھەر مىللەت ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ، ئۆز - ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان 12 ياش بار. بىز ياشلىق باھارىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، 100 سېكۇنتلىق فىلىم ئارقىلىق دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ئېسىل ھالىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز،- دېدى ئۈرۈمچى «پىرەنىك» ئىستودىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەسقەر ئەكبەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر