باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ

2016.04.27 20:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2016 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىمتىھان مەيدانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يېقىندا ئاخىرلاشقان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 166 مىڭ 100 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 5600 ئوقۇغۇچى كۆپ ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 50 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى، تەبىئىي پەندىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 106 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 9100 ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تىزىملاتقانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان. ئۇنىڭدىن قالسا قەشقەر ۋىلايىتى بولۇپ، تىزىملاتقانلار 24 مىڭ 200 گە يېتىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار 10 مىڭدىن ئاشىدىغان جايلار ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 2016 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىدىن 193نى، ئىمتىھان مەيدانىدىن 7005نى تەسىس قىپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر