باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبىي شىنجاڭ يەرمەنكىسى خوتەن شەھىرىدە باشلاندى

2016.03.22 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرو - ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبىي شىنجاڭ يەرمەنكىسى 19-مارت خوتەن شەھىرىدە باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 370 تىن كۆپرەك كارخانىنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدىكى 100 دىن كۆپرەك كارخانا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى نەچچە ئون كارخانا بار بۇلۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر 1000 دىن ئېشىپ، كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ئادەم سانى 150 مىڭ ئادەم ( قېتىم)دىن ئاشتى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەت بېرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈسۈپجان بارات مۇنداق دېدى: ياۋرو - ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئىككى نۆۋەت ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى، بۇ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۆتكۈزۈلشى، بۇ يەرمەنكە كارخانىلار ئۈچۈن ئۆزىنى نامايەن قىلدىغان سۇپا ھازىرلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، چوڭ تىپتىكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرۇش، كىيىم-كېچەك مودېل كۆرگەزمىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر