باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىر ئائىلىگە بىردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى، بىر ئائىلىگە بىر يۈرۈش يۆلەش تەدبىرى بولۇش

خوتەن ۋىلايىتىدىكى 244 نامرات كەنت بۇيىل نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

2016.03.22 11:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەمتىمىن سەپەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارقى يېزىسى ئاقئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، پۈتۈن كەنتمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «13 - بەش يىللىق» نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە نىشانى بويىچە، ۋىلايەتتىكى 244 نامرات كەنت ۋە 133 مىڭ 824 ئاھالە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ.

  يېقىندا مۇخبىر مەمتىمىننىڭ ئۆيىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان كادىر، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غوجابدۇللا مەمتىمىن سەپەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۈزگەن ۋەدىنامىنى كۆردى، ئۇنىڭدا:«مەمتىمىننىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك توخۇ بېقىشىغا، ئۈزۈم تېلى ئارىسىغا چاقما كاۋا تېرىشىغا، يېڭىدىن 80 كىۋادرات مېتىرلىق قوتان سېلىپ، باقمىچىلىق قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن. مەمتىمىنمۇ كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى يىل ئاخىرىغىچە 6140 يۈەنگە، ئومۇمىي كىرىمىنى 24 مىڭ 560 يۈەنگە يەتكۈزۈشى كېرەك» دەپ يېزىلغان. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى غوجابدۇللا: بۇ ۋەدىنامە مەمتىمىننى يىل ئاخىرىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلدى. پۈتۈن كەنتتىكى ھەر بىر نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر»نىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تولۇق ئىشەنچىم بار، دېدى.

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ناھايىتى مۈشكۈل ھەم ئېغىر. پۈتۈن ۋىلايەتتە ھازىر 1077 نامرات كەنت، 703مىڭ 500 نامرات ئاھالە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %35.6 ى ۋە %27.1 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  خوتەن ۋىلايىتى «13 - بەش يىللىق» نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى ۋە نىشانى تۈزگەن بولۇپ: بۇ يىل 244 نامرات كەنت ۋە 133 مىڭ 824 ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىرلار بىردىن نامرات ناھىيە بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، بىر نامرات كەنتكە مەسئۇل بولىدۇ؛ ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار بىردىن نامرات كەنت بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ؛ ۋىلايەت، ناھىيە (شەھەر)گە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن كەنتنى ھۆددىگە ئالىدۇ؛ 80 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ ھەر بىرى بىردىن نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىدۇ.

  «كىمنى يۆلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خوتەن ۋىلايىتى ئارخىپ، كارتا، سانلىق مەلۇمات ۋە پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، بىر ئائىلىگە بىردىن ھېسابات تۇرغۇزۇشقا، بىر ئائىلىگە بىردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى بولۇشقا، بىر ئائىلىگە بىر يۈرۈش يۆلەش تەدبىرى قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  «كىم يۆلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەت، ناھىيە - شەھەر، يېزا - بازار، كەنت ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت «تۆت دەرىجىلىك ئورۇن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش» مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  «قانداق يۆلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خوتەن ۋىلايىتى نىشانلىق تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش بىر تۈركۈم» قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نامراتلارنى جايىدا يۆلەش يوللىرىنى كۆپەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تېزلەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر