باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 80 تۈرلۈكتىن ئارتۇق پىكىر قوللىنىلدى (گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتلەردىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى)

61 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، %80 پىكىر قوللىنىلدى

2016.03.21 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئىشخانىسى 18-مارت خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يىڭجيېنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا ئەڭ كۆپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئەسلىدىكى 19 مىڭ 564 خەتلىك دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ 20 مىڭ 72 خەتلىككە ئۆزگەرتىلىپ، 508 خەت قوشۇلۇپ، تاراتقۇلار تەرىپىدىن «كەڭ دائىرىدە تۈزىتىلىپتۇ» دەپ قارالدى. ليۇ يىڭجيې مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دوكلاتنى قاراپ چىقىش، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلىش جەريانىدا، پائال تۈردە نۇرغۇن تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكىرلىرىنى بەردى. دوكلاتنى تەييارلاش گۇرۇپپىسى 100 دىن ئارتۇق پىكىرنى توپلاپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ھەم زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 61 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. تۈزىتىش كىرگۈزىلىدىغان مەلۇم بىر جاي نەچچە پىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، 80 دىن ئارتۇق پىكىر ئېلىنىپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنىڭ قوللىنىلىش نىسبىتى %80 كە يەتتى.

  ليۇ يىڭجيې دوكلاتنىڭ قىسمەن مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قىسىمىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن: قىسمەن ۋەكىللەر دوكلاتنىڭ «ئېلىمىز تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر» قىسمىغا «كاپىتال بازارلىرىنىڭ ئاساسىي تۈزۈمى مۇكەممەل ئەمەس»، دېگەننى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ قىسمەن ۋەكىللەر «قىسمەن رايونلاردا بەزىدە قويۇق تۇمانلىق ھاۋا كۆرۈلدى»، دېگەننىڭ ئالدىغا «مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر»، دېگەننى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ يەنە قىسمەن ۋەكىللەر «13-بەش يىل» نىڭ نىشان ۋەزىپىلىرى قىسمىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا «ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتى، تاغ-دەريالار، ئورمانلار، ئېتىز-ئېرىقلار، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىسمىغا «مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىپ ئىسلاھ قىلىش» مەزمۇنىنى قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى...دوكلات تەييارلاش گۇرۇپپىسى بۇ تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىردەك قوللاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر