باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم - كېچەك يەرمەنكىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى

2016.03.22 11:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جۇڭگو توقۇمىچىلىق ساھەسىنىڭ 2016 - يىللىق ئەتىيازلىق بىرلەشمە يەرمەنكىسى پائالىيىتىدە شىنجاڭ شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىنىڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم - كېچەك يەرمەنكىسىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ خەلقئارا يەرمەنكە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىلجان داۋۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىنىڭ توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم - كېچەك يەرمەنكە رايونىنىڭ كۆلىمى 23 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ ئىلگىرىكى يەرمەنكە رايونى كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر؛ بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭدا ماكانلىشىشىنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، بولۇپمۇ ئەرزان باھالىق تەييار كىيىم - كېچەك ھالقىسى بىلەن قىممەت باھالىق تەييار كىيىم - كېچەك ھالقىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم - كېچەك يەرمەنكىسىدە داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلدى. دۆلەت ئىچىدىكى توقۇلما بۇيۇملار ۋە كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭلىق كارخانىلىرى، شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەرلىك كارخانىلار يەرمەنكىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلۇپ، ئۇنىۋېرسال يەرمەنكە ئۇسلۇبى شەكىللەندۈرۈلدى. يەرمەنكىدە چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنى تەكلىپ قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى كۆرگەزمىگە نۇقتىلىق تەكلىپ قىلىندى. يەرمەنكە مەزگىلىدە، «5 - نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كىيىم - كېچەك بايرىمى»، «قاراقۇرۇم ئېتىكىدە جۇلالانغان ئەتلەس»، «چېۋەر ئاياللار مۇسابىقىسى» قاتارلىق مەخسۇس كەسپىي پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر