باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇماتاي ئاۋبەكىر: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچۇم»

2016.03.22 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى». تېكەس ناھىيەسىدە 19 - مارت تەنتەنىلىك نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس جۇماتاي ئاۋبەكىرمۇ تەكلىپكە بىنائەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. جۇماتاي ئاۋبەكىر 5000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بۇ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزۈم شۇغۇللىنىۋاتقان داۋالاش ئىشلىرى ۋە جان - دىل بىلەن ھەر مىللەت چارۋىچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئىزچىللاشتۇرىمەن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش ۋە قوغداش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم!».

  جۇماتاي ئاۋبەكىر باش شۇجى شى جىنپىڭ 2015 - يىلى 30 - سېنتەبىر خەلق سارىيىدا ئۆزىنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ: خۇددى تۈنۈگۈن بولغان ئىشتەكلا ھىس قىلىمەن، دېدى. مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن جۇماتاي ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىغا، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، دەپ ۋەدە بەردىم.

  جۇماتاي ئاۋبەكىر تېكەس ناھىيە بوز ئېدىر چارۋىچىلىق رايونى داۋالاش نۇقتىسىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، 20 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، چەت، نامرات چارۋىچىلىق رايونىدا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت چارۋىچىلىرىنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېزا دوختۇرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

  جۇماتاي ئاۋبەكىر بۇلتۇر «ئۆكتەبىر بايرىمى» مەزگىلىدە بېيجىڭدىن تېكەس ناھىيەسىگە قايتقاندىن كېيىن، تېكەس ناھىيەسىنىڭ سەھىيە سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگەندى. قىش كىرگەندىن كېيىنلا، بوز ئېدىر چارۋىچىلىق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار 5000 دىن ئاشىدۇ، جۇماتاي ئاۋبەكىر خىزمەتداشلىرى بىلەن بوز ئېدىر چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چارۋىچىلارنى بەش قېتىم سەييارە داۋالاپ، چارۋىچىلارغا قىممىتى 10 مىڭ يۈەنلىك دورا ئاپىرىپ بەردى. بوز ئېدىر چارۋىچىلىق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار 3 - ئايدا ئارقا - ئارقىدىن باشقا رايونلارغا كۆچكەندە، ئازراق بوش ۋاقتى بولسىلا يېڭى داۋالاش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. جۇماتاي ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: ئاغرىقلار تۇغقىنىمغا ئوخشاش، مەن بىر قازاق خىزمەتدىشىم بىلەن تاغدىكى بوز ئېدىر داۋالاش نۇقتىسىدىن بۇ يەرگە كەلگىلى 15 كۈن بولدى، تېكەس ناھىيەلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىكىلەر جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەردىن يىڭنە سانجىپ داغلاش، ئۇۋۇلاپ داۋالاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەندى. ... چارۋىچىلىق مەيدانىدا رېماتىزمغا گىرىپتار بولغانلار كۆپرەك، رېماتىزمنى يىڭنە سانجىپ داۋالىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن.

  جۇماتاي ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، بۇلتۇر بوزئېدىر چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ يولى رېمونت قىلىنىپ، چارۋىچىلار كېسەل كۆرسىتىشكە ئاتلىق بارماي، موتوسىكلىت بىلەن بارىدىغان بولدى. چارۋىچىلار ئىلگىرى ئاتلىق ئىككى − ئۈچ كۈندە ماڭىدىغان يولنى ھازىر ئۈچ سائەتتىلا بېسىپ، داۋالاش نۇقتىسىغا بارالايدىغان بولدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، چارۋىچىلارنىڭ يان تېلېفونى سىگنال قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە يېتىپ، تاغ سىرتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدى؛ دوختۇرلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسىمۇ ھەل قىلىندى.

  جۇماتاي ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، ئەمما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئاغرىقلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئوخشاشلا مۇقەددەس بۇرچۇم، دەپ قارايمەن. يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، بوزئېدىر داۋالاش نۇقتىسىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بەرسەمكەن، جۇڭگوچە داۋالاش ئارقىلىق ھەر مىللەت چارۋىچىلىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە يەنە يېڭى تۆھپە قوشسامكەن، دەپ ئويلايمەن. خىزمەتتە كەسىپداشلىرىم بىلەن ئىناق - ئېجىل ئۆتۈپ، ئاغرىقنىڭ ھالىغا كۆپرەك يېتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىمەن. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ، داۋالاش تېخنىكىسىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ساغلاملىق ئاتا قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر