خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىللىق نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن، قاراقاش ناھىيەسىدىكى 16 يېزا-بازارلار ئايرىم-ئايرىم شەكلى ئۆزگىچە، مەزمۇنى مول بولغان نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى جانلاندۇردى. نورۇزغا قاتناشقان ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئاخىرىدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى.
سۈرەتتە: يېڭىيەر يېزىسىنىڭ نورۇز بايرىمىدا نورۇز ئېشى ئەتمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى