خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن فوتوسى) 3-ئاينىڭ 19-كۈنى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنتىدە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش دېھقانلار مەشرىپى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى. يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن يەكشەنبە بازار بازىرى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن كەلگەن ئاتاغلىق ناخشىچىلاردىن مەمتىمىن تۇرغۇن بىلەن پەرىدە مامۇت ۋە «شىنجاڭ تالانت سەھنىسى» پروگراممىسىدا ئالاھىدە ماھارەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان يېشى ئەڭ كىچىك ماھىر ئابدۇللا بەكرى بىلەن يېشى ئەڭ چوڭ ماھىر ئابلا موللەك قاتارلىقلار، شۇنداقلا قەشقەر، ئاتۇش شەھىرى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى، بىر قىسىم قەلەمكەشلەر ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ۋە نورۇزنامىلەرنى ئوقۇپ،چۈرۈچ كەنتى ۋە جوشنا يېزا،كەنتلەردىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ئاممىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا زور مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
سۈرەتتە: پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى