خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-مارت چۈشتىن بۇرۇن، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئايرودروم ۋە مېترو بېكىتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتلىتىش ھۇجۇمدا 34 ئادەم قازا قىلدى، 170تىن كۆپرەك ئادەم يارىلاندى. ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئىشنى قاتتىق ئەيىپلەپ، بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزىمغا زەربە بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 22-مارت سائەت سەككىز ئەتراپىدا، بىريۇسسېل شەھىرى ئەتراپىدىكى زاۋېنتېم ئايرودرومىنىڭ يولغا چىقىش زالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 14 ئادەم ئۆلۈپ، 81 ئادەم يارىلانغان. نەق مەيداندىكى كۆرۈگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئايرودرومدا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىككى قېتىم پارتلاش بولغان ھەم پارتلاش ئالدىدا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانغان.
تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، بىريۇسسېل شەھىرى ئىچىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابى ئەتراپىدىكى مائېلبېك مېترو بېكىتىدە يەنە پارتلاش يۈز بېرىپ 20 كىشى قازا قىلغان، 106 كىشى يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 17 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى