خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن 24-قېتىملىق دۇنيا سۇ كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «دۇنيا سۇ بايلىقى تەرەققىيات دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىنىڭ سىرتقى قاتلىمىدىكى تاتلىق سۇ بايلىقى ئىنتايىن چەكلىك ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماكان جەھەتتىكى جايلىشىشى تولىمۇ تەكشىسىز بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %2.5 تاتلىق سۇ بايلىقىنىلا ئىنسانلار، ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئىشلىتەلەيدىكەن. نۆۋەتتە، يەر شارىدا تەخمىنەن 884 مىليون نوپۇس يەنىلا تازىلانمىغان، بۇلغانغان سۇنى ئىچىۋېتىپتۇ، 2 مىليارد 600 مىليون نوپۇس ناچار تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىۋېتىپتۇ، تەخمىنەن 3 مىلياردتىن 4 مىلياردقىچە كىشىنىڭ ئۆيىدە بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان تۇرۇبا سۈيى يوق ئىكەن. ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى سۇ يېتىشمەسلىك ۋە سۇ تازىلىق ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن؛ يەر شارىدىكى %80 تىن ئارتۇق كېرەكسىز سۇ يىغىۋېلىنمايدىكەن ياكى بىر تەرەپ قىلىنمايدىكەن.
سۇ ھاياتلىق مەنبەسى، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىقنىڭ بىرى. ۋاھالەنكى، ئەسلىدىنلا چەكلىك بولغان سۇ بايلىقىغا قارىتا، ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپتىن سۇغا بولغان ئېھتىياجى بارغانسىرى ئاشماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىسراپ قىلماقتا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. بۈگۈنكى كۈندە سۇ بايلىقى مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، كەلگۈسىدە بەلكىم تېخىمۇ ئېغىر بولغان سۇ كىرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. كىشلەر بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، قىممەتلىك ھەم كەم بولسا بولمايدىغان سۇ بايلىقىنى قەدىرلىشى كېرەك.
2013-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشىتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2013-يىللىق بۇداپېشت سۇچىلىق باشلىقلار يىغىنىدا، ئارتىسلار بەدىنى بىلەن سۇنىڭ مولېكۇللا فورمۇلاسىنى ياساپ چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى