باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

23-مارتتىن باشلاپ شىنجاڭدا مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئىشچى - دىھقانلارغا مەخسۇس ئىش ئورنى تەسسىس قىلىنىدۇ

2016.03.22 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 5571 مەمۇر، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى (200 نەپەر تاللاپ ئىشلەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى ئاشكارا قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، 23 - مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدىن باشلاپ شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn) دا تىزىملاتسا بولىدۇ، تىزىملىتىش 29 - مارت بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتە يېرىمدا ئاخىرلىشىدۇ.

  بۇ قېتىملىق مەمەرلۇق ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرى داۋان تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكوم-ھۆكۈمەت ئىشخانىسى مەخسۇس ئىشچىلاردىن بىر بۆلۈم ئەزاسى قوبۇل قىلىدۇ، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن، نوپۇسى شىنجاڭدا، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كەسپىي چەكلەنمەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى ساميۈزى يېزىسى ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسى، ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەسىنىڭ چوڭ بۇغرا يېزىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى مەخسۇس دېھقانلاردىن بىر بۆلۈم ئەزاسى قوبۇل قىلىدۇ، يېشى 35 ياشتىن تۆۋەن، نوپۇسى شىنجاڭدا، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، كەسپىي چەكلەنمەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر