باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قاتناش ھادىسىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ

قاتناش قانۇنىغا خىلاپ خاتىرىسى شەخسلەرنىڭ ئىناۋىتى بىلەن باغلىنىدۇ

2016.03.22 13:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى جايلاردىكى ج خ قاتناش تارماقلىرىغا تاشيول كىرا ئاپتوموبىلى، ساياھەتچىلىك ھۆددە ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۆت تۈردىكى نۇقتىلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىدا 2016 - يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، يولۇچىلار بەلگىلەنگەن ساندىن % 20 ئېشىپ كەتكەن، سۈرئەت % 20 تىن ئېشىپ كەتكەن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، زەھەر چېكىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، سەھەر سائەت 2 دىن سائەت 5 گىچە قاتناش چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە باشقا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلغان ياكى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان، قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپ ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەنلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان « چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئىناۋەت قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جايلاردىكى ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ جايدىكى ئاخبارات تاراتقۇرلىرى، تور پونكىتى كۆزنىكى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق 2016- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش ساقچى باش ئىدارىسى جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ 122 قاتناش تورى (www.122.cn ) دە بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ ھەم ئىناۋەتلىك جۇڭگو تورىwww.creditchina.gov.cn غا ئەۋەتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، سۇغۇرتا شىركىتى، باج ئورگىنى، ئىناۋەتلىك ئىجتىمائىي ئاپپارات قاتارلىق ئورۇنلارنى دەۋالاشقۇچىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇل نورمىسىنى باھالاش، سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىنى بېكىتىش، باج تاپشۇرۇش ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش، ئىناۋەت دەرىجىسىنى تەڭشەش ياكى نومۇر قويغاندا پايدىلىنىش ئۈچۈن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر