خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ھەسەنجان مەمتىلى خەۋىرى، فوتوسى) مارت ئېيى كىرىپ، يەر جاھان ئىللىۋاتقان، بارچە مەۋجۇدات قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىۋاتقان بۇ خاسىيەتلىك كۈنلەردە، ئاۋات ناھىيەسى باغۋەنلەر ئولتۇراق رايونىدا، 21-مارت ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ، نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى