باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ناتوغرا ساقلانغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاكسىنا ئاساسەن زەھەرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدۇ

2016.03.23 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر باشقارمىسى 22-نويابىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، يېقىندا جۇڭگودا يۈز بەرگەن ۋاكسىنا ۋەقەسىدىن خەۋەر تاپلانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ھەر ۋاقىت جۇڭگونىڭ سەھىيە تارماقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تەييار تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئېيتتى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋاكسىنىنى توغرا ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كېرەك، بولمىسا كۈچىنى يـوقىتىدۇ ياكى كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ناتوغرا ساقلانغان ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاكسىنا ئاساسەن زەھەرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا بۇ ۋەقەدە ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن. بالىلار دۇچ كەلگەن خەۋپ __ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ ئىممۇنىتېتلاشنى كېڭەيتىش يىرىك پىلانى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھەم ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قاتما كېسىلىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى، جۇڭگو ۋاكسىنىلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەل بولۇشنى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنى داۋاملىق ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش ئارقىلىق، بالىلاردا يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكتىن ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر