خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)
___ قىزلار مېڭىڭلار، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكۈزگەن نورۇز پائالىيىتىگە بارايلى....
___ ھەي ئېلى، موتوسىكلىتىڭغا ماي قاچىلىدىڭمۇ؟ بۈگۈنكى مۇسابىقىدە كەينىدە قالما يەنە ...
___ مەمەتئېلىنىڭ خورىزى بۈگۈن كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان بولدى-دە...
بۇ، 20 - مارت ئەتىگەن سائەت 11 لەردە خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۈل يېزىسى قارادۆڭ يېزىسى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كەنتتىن 1 كلومېتر نېرىدىكى قۇملۇقتا ئۆتكۈزۈلىنىدىغان نورۇز پائالىيىتىگە كېتىپ بارغاچ دىگەن سۆزلىرى ئىدى.
شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن قارادۆڭ كەنتىگە 3 - قېتىملىق «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، كەنت يېنىدىكى قۇملۇقتا نورۇز بايرىمى مەشرىپى ئۆتكۈزۈلىش ئالدىدا تۇراتتى.
سائەت 11 يېرىمدا قارادۆڭ كەنتىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەملىشىپ، نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى نورۇزلۇق مەشرىپى رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى خۇ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، قارادۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن كەنت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خوراز سوقۇشتۇرۇش، قۇملۇقتا موتوسىكلىت مۇسابىقىسى، ئايالىنى ھاپاشلاپ يۈگۈرۈش، چېلىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
___ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىزگە نورۇز ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتى بەك قىزىپ كەتتى، گەرچە كەنتىمىز تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىدىكى بىر كىچىك، خىلۋەت كەنت بولسىمۇ، لېكىن كەنتىمىزدىكى ياشلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشىمىز يەنىلا يۇقىرى. بىز ئىلگىرى تېلېۋىزورلاردا كۆرگەن، رادىئودا ئاڭلىغان مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كەنتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. مانا خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەندىن بۇيان بۇ ئارزۇلىرىمىز روياپقا چىقتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنت ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇردى، ياشلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە كۆپرەك قاتناشتۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن ھەردەم يىراق تۇرۇشقا يېتەكلىدى،- دېدى كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى تۇرسۇنتوختى مەمەتئابلا.
سائەت 12 دىن ئاشقاندا پائالىيەت ئاياغلاشتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزلىرى تەييارلىغان تۈرلۈك مۇكاپات بويۇملىرىنى مۇسابىقىدە نەتىجە قازانلارغا تارقىتىپ بەردى. ئارقىدىن كەنتتىكىلەر ئوخشىغان نورۇز ئېشىغا داخىل بولۇشتى.
−بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمى پائالىيىتىنى تەشكىللىشىمىز، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، يىل بېشىدىلا خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولدى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن قارادۆڭ كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق مەكتىبى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شۈ يوۋلوڭ.
سۈرەتتە: نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى