خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى، « قۇملۇقتا باھار» ساياھەت- مەدەنىيەت بايرىمى 19-مارت باشلاندى، ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىدىن ھوزۇرلىنىپ، قۇملۇقتا ساياھەت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2009-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك « قۇملۇقتا باھار» ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمىدىن بۇيان، پائالىيەتكە قاتناشقانلار 200 مىڭغا يەتكەن. بۇ نۆۋەتلىك « قۇملۇقتا باھار» ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمىنى پىچان ناھىيەلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىيات باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، قۇمتاغ مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كەسىپىي بىرلەشمىسى، سەھەر گېزىتى، خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى ھەمكارلاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى