خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىل 3- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن 3- تۈركۈمدە قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسىنىڭ توغرال كەنتىگە « ئۈچ خىزمىتى»گە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى توغرال كەنت «توغرال قوش تىل ئۆگىنىش- قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىنىپى»دە دەرس باشلاندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن 3- تۈركۈمدە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى توغرال كەنتىگە « ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتكە كەلگەن بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، چوڭقۇر كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنت كادىرلىرى ۋە ئاھالىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن، خەنزۇچە ئاساسىنىڭ ئاجىز، قانۇن بىلىمىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، توغرال كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇەيچۇن ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرگۈل كېرەم كەنتتىكى كادىرلار، ياشلار، ئاياللارغا قوش تىل ئۆگىتىش ۋە ئۇلارنى قانۇن ساۋاتلىرى بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى قانۇن ئېڭى ۋە خەنزۇچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. (خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرگۈل كېرەم خەۋىرى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى