باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر يېغىپ ئاز دېگەندىمۇ 79 ئادەم قازا قىلدى

2016.03.21 12:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان ھۆكۈمىتى 19-مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: نۇرغۇن جايلار يېقىندا قاتتىق يامغۇرلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 79 ئادەم قازا قىلدى، 97 ئادەم يارىلاندى.

  پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى شۇ كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئۆيلەر ئۆرىلىپ كېتىش، كان ۋەقەسى ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال-مۈلۈك زىيان بولدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلە رايونىدىكى قاتتىق يامغۇردا 22 ئادەم قازا قىلدى، 33 ئادەم يارىلاندى.

  پاكىستان ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بۇندىن بۇرۇن مۇنداق دېدى: پاكىستاندا ئىلگىرى ئەتىيازدا بۇنداق قاتتىق يامغۇر ئاز ياغاتتى، يېقىندا كۆرۈلگەن قاتتىق يامغۇرلۇق ھاۋارايى ئېرنىنو ھادىسىسىدىن پەيدا بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر