باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى

2016.03.21 11:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپى مۇقىم مۈلۈككە 45 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 110 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، 2016-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ: توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈمىگە ياردەم بېرىش، شىنجاڭدىن چىقىرىلىدىغان تاۋارلار نىڭ توشۇش ھەققىگە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ياردەم پۇلى مۇددىتى بىر يىلدىن بىر پەسلىگىچە قىسقىرايدىكەن؛ كۆلىمى 10 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا بولغان توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسپىنى يېتەكلەش فوندى قۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭپاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش يولغا قويۇلىدىكەن؛ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك كەسپى خەلقئارا بازار كېڭەيتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنى قوللاش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا قاتارلىق بازارلارغىچە كېڭەيتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر