باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 61 ئادەم قازا قىلدى

2016.03.21 12:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 19-مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بوئېن 737-800 بەلگىلىك بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ كۈنى سەھەردە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دون دەرياسى بويىدىكى روستوف شەھىرىدە چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 61 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ دەسلەپكى جەزملەشتۈرۈشكە قارىغاندا، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ئارىسىدا جۇڭگولۇق پۇقرالار يوق ئىكەن، ھەممەيلەن رۇسىيەلىك ئىكەن.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئايروپىلان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۈبەيدىن دون دەرياسى بويىدىكى روستوفقا قاتنايدىغان بوئېن 737-800 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى دۈبەي ئاۋىياتسىيەسىگە تەۋە بولۇپ، ئايرودۇرۇمدا قونغاندا بىر قانچە بۆلەككە پارچىلىنىپ كەتكەن ھەمدە پارتلاپ ئوت كەتكەن، ھازىر ئوت ئاساسەن ئۆچۈرۈۋېلىنغان. رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن ئايروپىلان دون دەرياسى بويىدىكى روستوف ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ تۇنجى قېتىم مەغلۇپ بولغان، ئىككىنچى قېتىم قونىدىغان جايغا قاراپ سىناق ئۇچۇپ بوشلۇقتا ئىككى سائەت توققۇز مىنۇت ئۇچقان. ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب ھاۋارايى شارائىتى ياكى ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ خاتا مەشغۇلات قىلغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

  دۈبەي ئاۋىياتسىيەسى ئۆز تور بېكىتىدە بۇ ۋەقەنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر