خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) بۈگۈر ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىدە، مەخسۇس ياشلار توي مۇلازىمەت مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇپ يېزا-بازارلاردىكى يېڭى توي قىلغانلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ، ياشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: 19 – مارت، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىدىكى دېھقان يىگىت يۈسۈپجان ئاسىم بىلەن ئاينۇر ئىمىننىڭ تويىنىڭ قىز كۆچۈرۈشىدە مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەر مۇزىكا چالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى