بىر ياپونىيەلىك ساياھەتچى فىلىپپىندا ئايال ساقچىنىڭ تاپانچىسىنى بۇلىغانلىقتىن قۇلغا ئىلىندى
2016.03.21 12:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىر ياپونىيەلىك ساياھەتچى 20-مارت چۈشتىن بۇرۇن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا بىر ئايال ساقچىنىڭ تاپانچىسىنى بۇلىغانلىقتىن ساقچى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. فىلىپپىنلىق ئايال ساقچى ئەننېيىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 8 لەر ئەتراپىدا خىزمەتدىشى بىلەن موتوسىكلىتلىق چارلاۋاتقاندا، بىر ياپونىيەلىك ساياھەتچى تۇيۇقسىز كەينىدىن كېلىپ ئۇنىڭ تاپانچىسىنى بۇلىماقچى بولغان، لېكىن تاپانچىسى غىلاپتا سولاقلىق بولغاچقا مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر