خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-مارت، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىرلىكتە ئەنئەنىۋى بايرام« نورۇز » نى كۈتۈۋالدى.
ئامما مەززىلىك « نورۇز ئېشى»، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، تۆگە بەيگىسى، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، مىللىيچە چېلىشىشتىن ھوزۇرلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەدە « نورۇز بايرىمى» پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش 2000 - يىلى باشلانغاندىن بۇيان، 16 - نۆۋەت ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەن .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى