موسكۋا ۋاقتى 19-مارت تاڭ سەھەردە دۇبەيدىن رۇسىيەنىڭ روستوۋغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئايرودۇرۇمغا قۇنۇش جەريانىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 62 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. ھازىرغىچە ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش توغرىسىدا تېخى ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىلمىغان. مۇتەخەسسىسلەر دەسلەپكى قەدەمدە ناچار ھاۋارايى بۇ قېتىملىق ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. 20-مارت رۇسىيە روستوۋ ئايرودۇرۇمىدا تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.