باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۈرىيە بەش يىل «يارىلاندى»، ئىقتىساد ئاز دېگەندىمۇ 30 يىل چېكىندى

2016.03.21 19:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011-يىلى مارتتىن ھازىرغىچە، ئۇرۇش ئوتى سۈرىيەدە بەش يىل لاۋۇلداپ كۆيدى. ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇدا بەش يىلغا سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشتا بۇ دۆلەتتىن 250 مىڭ ئادەم قازا قىلىپ، بىر مىليوندىن كۆپ ئادەم يارىلانغان، ئالتە مىليوندىن كۆپ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، سەرسان-سەرگەردان بولۇپ كەتكەن. بىراق، ھازىر يەنە 18 مىليونغا يېقىن ئادەم خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ زېمىندا ھاياتىنى ناھايىتى تەستە ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلارغا نىسىبەتەن، 24 سائەتنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى چوقۇم كۈتۈۋېلىش زۆرۈر بولغان ھايات-ماماتلىق سىناق.

  ئىچكى ئۇرۇش سۈرىيەدىن ئىبارەت بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىگە ئاپەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئېغىر سەلبىي تاشقى ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.

  ئالتە مىليون ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى

  ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە سۈرىيەدە يەنە تەخمىنەن 18 مىليونغا يېقىن ئادەم ياشاۋاتقان. ئىچكى ئۇرۇش پارتلاشتىن بۇرۇن سۈرىيەدە تەخمىنەن 24 مىليون 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ، ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئالتە مىليون ئادەم باشقا دۆلەتلەرگە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكەن. سۈرىيە چېگرىسىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئىككى مىليونغا يېقىن ئادەمدىن باشقا، نۆۋەتتە، 4 مىليون 600 مىڭ ئادەم باشقا دۆلەتلەرگە پاناھلىق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن، مۇساپىرلار كىرىزىسى ئېغىرلاپ، سۈرىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، شۇنداقلا ياۋروپا رايونلىرىغا يامرىغان. ئۇنداقتا، ئېشىپ قالغان 18 مىليونغا يېقىن كىشى قەيەرلەردە تۇرۇۋاتىدۇ؟ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە، سۈرىيەدىكى نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەردە نوپۇس ئازلاپ كەتكەن، نۇرغۇن نوپۇس پاناھلىنىش ئۈچۈن چوڭ شەھەرلەردىن يېزا-كەنتلەرگە كۆچكەن.

  10 نەچچە مىليون نوپۇس ياردەمگە موھتاج

  ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ۋە جىددىي ئەھۋال ياردىمىنى ماسلاشتۇرغۇچى كاتىپى بۇلتۇر سۈرىيەنى زىيارەت قىلغان چاغدا سۈرىيەدە 13 مىليون 500 مىڭ ئاممىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى كىچىك بالىلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ 13 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ تەخمىنەن 4 مليون 500 مىڭى ئەسەبىي تەشكىلات «شام ئىسلام خەلىپىلىكى» مۇھاسىرىسىدىكى رايونلارغا قاپسىلىپ قالغان بولغاچقا، ياردەم ماددىي ئەشيالىرى يېتىپ بارالماسلىقتەك قىيىن ئەھۋال ئاستىدا قالغان.

  نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۇرۇش ئوتىدا قازا قىلىشى بىلەن سۈرىيە ئاممىسىنىڭ مۆلچەر ئۆمرى 2010-يىلدىكى 70.5 ياشتىن 2015-يىلىغا كەلگەندە 55.4 ياشقا قىسقىرىغان.

  ئىقتىساد: ئاز دېگەندىمۇ 30 يىل كەينىگە چېكىندى

  ئۇرۇش ئوتى سۈرىيە ئىقتىسادىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمى ئازلاپ، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلاپ، پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلىدى. بىر قىسىم ئىقتىساد ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇرۇش سۈبرىيە ئىقتىسادىنى ئاز دېگەندىمۇ 30 يىل چېكىندۈرىۋەتكەن.

  ئىشسىزلىق نىسبىتى %50تىن ئاشتى

  سۈرىيە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇرۇشتا سۈرىيە تەخمىنەن 255 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە بولسا، ناۋادا سۈرىيە كىرىزىسى يەنە بەش يىل داۋاملاشسا ئۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان 1 تىرىللىيون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، بۇ ئىسپانىيەنىڭ 2014-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە يېقىنلىشىدىكەن. ناۋادا سۈرىيەدىكى توقۇنۇش بۇ يىل ئاياغلاشسا سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ 700 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ قايتا قۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن. سۈرىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتىشىغا ئاز دېگەندىمۇ 10 يىلدىن 15 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

  2011-يىلى سۈرىيەنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %14 بولغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا %50تىن ئاشقان. %70 سۈرىيە ئاممىىسى ھەددىدىن زىيادە نامراتلىقتا قالغان بولۇپ، ئەڭ ئەقەللىي تۇرمۇش زۆرۈر بۇيۇملىرىنىمۇ سېتىۋالالماسلىقتەك ھالغا چۈشۈپ قالغان.

  نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور تۆۋەنلىدى

  نېفىت جەھەتتە، دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2010-يىلى سۈرىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 368 مىڭ تۇڭ بولغان، بىراق، 2015-يىلى كۈنىگە 40 مىڭ توننغا چۈشۈپ قالغان. سۈرىيەنىڭ نېفىت كىرىمىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

  داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئازلاپ كەتتى

  يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئۇرۇش ئوتىدا، يارىلانغانلار، ئاغرىپ قالغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن، داۋالاش ئورۇنلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. بىراق، داۋالاش ئورۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى(WHO)نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سۈرىيەدىكى تەڭدىن تولا دوختۇرخانا ۋە سەھىيە ئورنى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

  بىر خەلقئارا دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2011-يىلى مارتتىن 2015-يىلى نويابىرغىچە سۈرىيەدە ئاز دېگەندىمۇ 240 داۋالاش ئاپپاراتى 336 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 697 داۋالاش خادىمى قازا قىلغان. داۋالاش خادىملىرىنىڭ سانى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ساندىن %55 ئازايغان، 4000 بىمارغا بىر دوختۇر توغرا كېلىشتەك ھالەت شەكىللەنگەن.

  مائارىپ: %45 بالا ئوقۇشسىز قالدى

  2011-يىلدىن باشلاپ، كۈرمىڭلىغان سۈرىيەلىك بالا ئۇرۇش ئوتىدا قازا قىلدى، ھايات قالغان بالىلارمۇ سەرسان-سەرگەردانلىقتا قالدى. سۈرىيە ئىلگىرى ساۋاتلىق بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە %45تىن كۆپ ئوقۇش يېشىدىكى بالا ئوقۇشسىز قالدى. ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان بۇيان، تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ بالا ئوقۇشسىز قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر