- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسپانىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 13 ئادەم قازا قىلدى
2016.03.21 19:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 21-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئىسپانىيە كاتالۇنا رايونىدىكى ئىچكى ئىشلار ئىدارىسى ئىسپانىيە تارراگونادا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
شۇ يەر ۋاقتى 20-مارت، ئىسپانىيەنىڭ تارراگونا ئۆلكىسى تاشيولىدا بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس بىلەن كىچىك تىپتىكى بىر ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ، 13 ئادەم قازا قىلىپ، 43 ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ۋىنگىرىيە، گېرمانىيە، پېرۇ، بۇلغارىيە، پولشا، ئىرېلاندىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ئولتۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر