باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2016.03.21 19:32         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەدىكى ھەر قايسى جايلار قىرىمنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇ يەر ۋاقتى 18-مارت تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 20-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە كرېمل سارىيى باياناتچىسى پىسكوف رۇسىيەنىڭ قىرىمنى خەلقئارالىق كېلىشىش ياكى ئۇرۇشنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى قىلمايدىغانلىقىنى، قىرىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا شەك كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «قىرىم رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى. رۇسىيە ھېچقانداق ئادەم بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەيدۇ، تالاش-تارتىش قىلمايدۇ! قىرىم ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى چىقارغان قارارىغا تەلتۆكۈس ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى قىرىمغا بارغان، شۇنداقلا قىرىم زۇڭلىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا غەربتىكى تۇزلا ئارىلىدا دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، بۇ كۆۋرۈككە ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سلېىنىدىغان بولۇپ، 2019-يىلى پۈتۈن پىلانلانغان.

  قىرىم 2014-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە كىرگەن، ئۇنىڭ ئۆزىنى توك بىلەن تەمىنلىشى پەقەت %30 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇكرائىنانىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىدۇ. قىرىمغا توك يەتكۈزىدىغان تۆت يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى 2014-يىلى 22-نويابىر كېسىۋېتىلىپ، قىرىمدا پۈتۈنلەي توك توختىغان. بۈگۈنكى كۈندە قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ تۆت ئەتراپى يەنىلا ئۇكرائىناغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا، بۇ كۆۋرۈكنىڭ پۈتۈشى قىرىم ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى ئالاقىگە زور پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر