باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشىدى

بانكا كارتىسى ھەققى سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلىدۇ

2016.03.21 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بانكا كارتىسىنى سۈرۈش رەسمىيەت ھەققىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كارتا سۈرۈش ھەققى سىياسىتى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ، دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، سودىگەرلەرنىڭ كارتا سۈرۈش رەسمىيەت ھەققى چىقىمى يىلىغا 7 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئازىيتىلىدىكەن.

  بانكا كارتا سۈرۈش رەسمىيەت ھەققى ئاساسلىقى تالون ئالغۇچى ئاپپارات ئالىدىغان تالون مۇلازىممىتى ھەققى، كارتا تارقاتقۇچى ئاپپارات ئالىدىغان كارتا تارقىتىش بانكا مۇلازىمىتى ھەققى ۋە بانكا كارتىسىنى راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات ئالىدىغان تور مۇلازىمىتى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەشتە، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھانى بېكىتىپ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە شەكلى تەڭشىلىپ، سودىگەرلەرنىڭ كەسىپ تۈرى ئايرىمىسىغا قاراپ باھا بېكىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، باھا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشەشتە، بىرىنچىدىن، كارتا تارقاتقۇچى بانكا مۇلازىمىتى ھەققى سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تور مۇلازىمىتى ھەققى سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، كارتا تارقاتقۇچى بانكا مۇلازىمىتى ھەققى، تور مۇلازىمىتى ھەققى چېكىنى بېكىتىپ تىزگىنلەش تەدبىرى تەڭشىلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، قىسمەن سودىگەرلەرگە كارتا تارقاتقۇچى بانكا مۇلازىمىتى ھەققى، تور مۇلازىمىتى ھەققى نىسبىتىدە ئېتىبار بېرىش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ؛ بەشىنچىدىن، ھەق ئېلىش مۇلازىمىتى ھەققىدە بازار تەڭشەلگەن باھاسى يولغا قويۇلۇپ، كونكرېت ھەقنى تالون ئالغۇچى ئاپپارات بىلەن سودىگەرلەر كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

  ئىككى تارماق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كارتا سۈرۈش رەسمىيەت ھەققى سىياسىتىنى تەڭشەشتە، ئاساسلىقى سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخى تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، كارتا ئارقىلىق ئىستېمال قىلغۇچىلاردىن ھەق ئېلىشقا چېتىلمايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى يەنە بانكا كارتىسى بازىرى ۋە ھەرقايسى ساھە سودىگەرلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كارتا سۈرۈش رەسمىيەت ھەققىنى بېكىتىش مېخانىزمىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر