باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 99 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2016.03.18 17:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگرامىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە، 17-مارت، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 99 دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن، بۇنىڭ 13 ى گۇاڭشىدا يۈز بەرگەن دېلو بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ يەتتىسى شەندۇڭدا يۈر بەرگەن بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئالتىسى گەنسۇدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان دېلولار ئىچىدە، «دۆلەت قوشۇمچە پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلىش»، «ئاشلىق بىۋاسىتە ياردەم پۇلىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش»، «يەر قوشۇمچە پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش»، «مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش» قاتارلىق ئاممىنىڭ تولۇقلىما پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىشقا چۋتىلىدىغان 46 دېلو بولۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر