- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە
ئۇدا ئۈچ يىل يەر شارى بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى
2016.03.18 18:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ 16-مارت دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن.
دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى جۇڭگو ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى جىن خوڭبىڭ 17-مارت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو 2015-يىللىق PCT ( پاتېنت ھەمكارلىق شەرتنامىسى) دىكى دۆلەتلەر ئارا خەلقئارا پاتېنتقا ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە يۇقىرى ئېشىشنى ساقلىغان، ئېشىش سۈرئىتى % 16.8 بولۇپ، 29 مىڭ 846 غا يەتكەن، ئۇدا ئۈچ يىل دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ كەينىدە تۇرغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر