باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىلدى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2016.03.22 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى مۇخبىرىمىز جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 19 - مارت دائىمىي كومىتېتنىڭ(كېڭەيتىلگەن)يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا «يولغا قويۇش پىكرى(قاراپ چىقىشقا يوللانغان نۇسخىسى)»نى تۈزۈش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يولغا قويۇش پىكرى(قاراپ چىقىشقا يوللانغان نۇسخىسى)»دا، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمەت تەلىپى نامايان قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇش سىستېمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىنىپتۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت نامايەندىسى. شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. يېشىل تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمانلىرى، مۇزلۇقلىرى، دەريا ئېقىنلىرى، كۆللىرى، سۇلۇق يەرلىرى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى، بوستانلىقلىرى ۋە يايلاقلىرىنى قەتئىي ياخشى قوغداپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تېز قۇرۇپ چىقىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى تاغ - دەريالىرى گۈزەل، ئىنسانىي مەدەنىيەتكە باي، ئىناق، كىشىلەرنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان، يېشىللىققا تولغان، تۆۋەن كاربونلۇق، ئېكولوگىيەسى ياخشى، مەدەنىي رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئەڭ ئەھمىيەت بەرگەن، ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان، خىزمەت ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان بەش يىل بولدى. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى يەنىلا ناھايىتى ئاجىز، بايلىقنىڭ، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى چەكلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسى بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە بۇرچ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئىدىيەسى، پىرىنسىىپى، نىشانىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئېكولوگىيە بايلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار تارماقلار «قاراپ چىقىش پىكرى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، «يولغا قويۇش پىكرى(قاراپ چىقىشقا يوللانغان نۇسخىسى)» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن يولغا قويۇشقا تارقىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «يولغا قويۇش پىكرى»دىكى خىزمەت ۋەزىپىسى، ئىش تەقسىماتىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ نىشان مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تارماق، ئورۇنلارنىڭ «يولغا قويۇش پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مىقدارلاشتۇرۇلغان نىشان ۋەزىپە ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ماغاۋ سېيتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر