باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2016.03.22 11:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 18 - مارت ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى، يېڭى تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، شۇنداقلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، قۇمۇل شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم سۇچىلىق نازارىتى، ئەدلىيە نازارىتىنىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، «ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر) رايونلارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش، كۆزىتىش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلۇق پارتكوملارنى كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش − ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانۇن - بەلگىلىملەرنى پارتىيە ئىچىدە نازارەت قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلۇق پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، رايونلۇق پارتكوملارنى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش - پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، كۆزىتىش، نازارەت قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»لىق مۇساپىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۈنۈملۈك يول، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلامدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. كۆزىتىش - تەكشۈرۈشنى چەكسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، ناھىيە، شەھەر، رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن تارماقلارنى كۆزىتىش، نازارەت قىلىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشقا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام»نى چىڭىتىپ، «تۆتتە كۈچەش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق چۆچۈتۈپ تۇرىدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئاجىز بولۇش ۋە ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ بايقاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇپ، پارتىيەنى تۈزەشتە كەڭچىلىك، يۇمشاق قوللۇق ۋە بوشاڭلىق قىلىشنى كەسكىن بولۇش، چىڭ تۇتۇش، قاتتىق بولۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىدە سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، توغرىلاش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاپ، تۈزۈمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قېلىپلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نەتىجىلەردىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پايدىلىنىپ، قوشۇننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ «ئىككى مەسئۇلىيەت»ىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كۈچلۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر