باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيادىكى تۇنجى تۆتىنچى ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى رىئاكتور بېسىم قازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇلدى

2016.03.22 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەر شارىدىكى تۇنجى يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتور ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىدىكى بېسىملىق قاچا تۈنۈگۈن جۇڭگو خۇانىڭ گۇرۇھى شىداۋۋەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇراشتۇرۇلدى.

  بۇ ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتور ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ۋە يادرو ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتە زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى.

  جۇڭگو خۇانېڭ شەندۇڭ شىداۋۋەن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى، جۇڭگو يادرو قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 200 مىڭ كىلوۋولتلۇق يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتور يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرماقچى، بۇ ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تۇنجى يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتور ئۈلگە كۆرسىتىش ئېلېكتىر ئىستانسىسى،شۇنداقلا دۇنيادىكى تۇنجى تۆتىنچى ئەۋلاد يادرو ئېنېرگىيە سىستېمىسى بىخەتەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتورىنى سودىغا ئىشلىتىدىغان كۆلەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېلېكتىر ئىستانسىسى. رىئاكتور بېسىملىق قازىنى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرولۇق زاپچاسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رېئاكتورنىڭ بىخەتەر ھەرىكەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم توساق.

  يۇقىرى تېمپراتۇرىلىق گاز بىلەن سوۋۇتىلىدىغان رېئاكتور ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ زور پەن تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى 4-ئەۋلاد يادرو ئېنېرگىيە سىستېمىسى بىخەتەرلىكى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى بۆلەكلەشتۈرۈپ قۇرۇش، بىخەتەرلىكنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈمدە توك تارقىتىش، سودىلاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىستىقبالى كەڭ بولغان تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە. شۇنداقلا ئېلىمىز قۇرۇلۇشىدىكى ئىجادىيەت تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى. بۇ قۇرۇلۇش 2012-يىلىنىڭ ئاخىرى قۇرۇلغان، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر