خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-مارت، خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان شىنجاڭلىق يىگىت خەبىر ئەخمەتكە «چېنجۇ شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» دەپ نام بەردى.
31 ياشقا كىرگەن خەبىر ئەخمەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ چېنجۇ شەھىرىدىكى ئابلاجان كاۋاپچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. 7-مارت، ئۇ ۋە شۇ يەرلىك جوۋ زوخوڭ بىلەن بىرلىكتە 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن بىر ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئەتراپقا كەڭ تارقالدى.
تەقدىرلەش يىغىنىدا بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن خەبىر مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت بىر كىچىك ئىشنى، يەنى ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم. باشقىلارنىڭ سۇدا جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ بەك خەتەرلىك بولسىمۇ قۇتقۇزۇش كېرەك، بۇ مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم.»
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى