باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلار بىر بەلباغ بىر يول دوستلۇق چەمبىرىكىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

2016.03.22 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا قانداق قىلغاندا بەلباغنى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرغىلى، يولنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغىلى، دوستلۇق چەمبىرىكى ئىچىدە ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىپ تەڭ يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بېيجىڭدىكى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2016-يىللىق يىغىنىدا غەرب شەرقتىن كەلگەن 10 كارخانىنىڭ مەسئۇلى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى.

  فىرانسىيە پارىژ بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى لىمونخام مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەسەۋۋۇرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئىشنى ئۇل ئەسلىھەدىن باشلاش كېرەك. كۆپلىگەن ئاممىۋى مەبلەغنى تىز سۈرەتلىك تاشيول، ئايرودۇرۇم، تېلېگراف قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە سېلىشقا جەلپ قىلىش لازىم، بۇ بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

  جۇڭگو ئاپتوموبىل پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى شى گوخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، باشقا جايلار بىلەن بولغان ئارىلىق يېقىنلىشىپلا قالماستىن، دۆلەت ھالقىغان رىشتىمۇ ئەڭ يېقىن رىشتىگە ئايلىنىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يول تورى خەرىتىسىدىن 9 مىليون 600 مىڭ كىلومېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى كۆرۈۋالالايمىز، بۇنى جۇڭگو شەھەرچىسى دېيىشكە بولىدۇ. كەلگۈسىدە تېخىمۇ تىز سۈرەت يەر شارىنى ئادەتتىن تاشقىرى يەر شارى شەھەرچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.

  شى گوخۇا مۇنداق دېدى: مېنىڭچە چاقماق پويىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش بولۇپلا قالماستىن، لىنىيە بويىدىكى جايلارغا جەزمەن ئىجتىمائىي ئۈنۈم، شەھەرلەر، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  شىمالىي جۇڭگو سانائەت شىركىتىنىڭ لىدىرى جى يۈلىن مۇنداق دەپ قارىدى: بىر بەلباغ بىر يول كارخانىنىڭ خەلقئارا ئورنىدا ئىنتايىن مۇھىم.سىرتقا يۈزلەنگەن جۇڭگو كارخانىلىرى يەر شارىدىكى بايلىقنى رەتكە سېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتە باشقا بىر دۆلەتكە چىقىرىلىدىغان بىر قوشۇلغان بىر قېلىپىدىن سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش، يەر شارىدىكى بايلىقنى تەقسىملەشتىن ئىبارەت N قوشۇلغان بىر قېلىپىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر