- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى تەربىيەلەش ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن 60 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
2016.03.22 13:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچى تەربىيەلەش ئىنستىتۇتىنىڭ ھاۋادا مۇلازىمەت قىلىش كەسپى ۋە ئاۋىياتسىيە ھاۋا بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە 60 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 40 ئوقۇغۇچى ھاۋادىكى مۇلازىمەت كەسپىگە، 20 ئوقۇغۇچى قوغداش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدىكەن، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن. تىزىملىتىش، يۇزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىق باسقۇچلىرى 10-ئاپرېل ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر