باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچالىق كەشتىچى ئاچا–سىڭىللار باش شۇجىغا رامكىلىق كەشتە سوۋغا قىلدى

ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، خاتىرجەم شورپا ئىچتۇق

2015.09.25 09:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز زېڭ خۇافېڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 8 – ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر جۈپ ئۇيغۇر ئاچا – سىڭىل ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ئۆزلىرى تىككەن رامكىلىق كەشتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغانىدى ھەم خېتىدە: ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بولغانلىقىدىن، سىزنىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلغانلىقىڭىزدىن بولدى››، دەپ يازغانىدى. 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، بۇ رامكىلىق كەشتە بېيجىڭدا ئېچىلغان ‹‹ۋەتىنىمىز قوينىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى››دە كۆرگەزمە قىلىندى.

  مەن 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 – كەنتىدىكى 80 – يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ ئاچا – سىڭىلنى زىيارەت قىلدىم. ئاچىسىنىڭ ئىسمى خانئايشەم ئەنۋەر بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، ئۇ: ‹‹بۇرۇن كۈندە زاغرا يەيتۇق، ھازىر كۈندە گۆش يەيدىغان بولدۇق››، دېدى. سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مېھرىگۈل ئەنۋەر بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئازادە، پاكىز سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇ: ‹‹بۇرۇن كېسەك ئويدە ئولتۇراتتۇق، ئۆي ئىچىدە ھاجەتخانا ۋە ئېلېكتىر چىراغ يوق ئىدى››، دېدى. ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى شۇ يىلى يەنە بىر يۈرۈش يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپتۇ، ئۇلار: ‹‹ھازىر تۇرمۇشىمىز بەك ياخشى. 30 مو يەر، 70 نەچچە قوي، 11 كالىمىز بار››، دېدى. 2010 – يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسىدە 28 مىڭ دېھقان ئائىلىسى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سالدى، ھۆكۈمەت ھەر بىر يۈرۈش ئۆيگە 35 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بەردى.

  بۇ ئاچا – سىڭىل خېتىدە: ‹‹ھازىر يېزىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشى بولۇۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن – كۈنگە بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ››، دېدى. ئۇلار خېتىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغانىدى: ‹‹بۇرۇن بىز كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر، بىخەتەر، ئازادە، پاكىز ئۆيلەرگە كۆچۈۋالدۇق؛ بۇرۇن كېسەل بولۇپ قالساق كۆرسىتەلمەيتتۇق، ھازىر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بولغاچقا، كېسەل كۆرسەتكەن چىقىمنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاتچوت قىلالايدىغان بولدۇق؛ بۇرۇن يېزىمىزنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي توپا يول ئىدى، ئاپتوموبىللار ئۆتسە چاڭ – توزان بولۇپ كېتەتتى، يامغۇر ياغسا يوللار پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، ھازىر ئېتىزغا بارىدىغان يوللارمۇ ئاسفالتلىشىپ كەتتى، قاتناش بەك قولايلىق؛ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بارلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ياشانغانلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولدى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسىمۇ بىر تىيىن خەجلىمەيدىغان بولدۇق...›› ئۇلار كۆڭلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇزۇنلىقى 1.52 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر كېلىدىغان ‹‹جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز››، دېگەن خەتلەر كەشتىلەنگەن بىر رامكىلىق كەشتىنى ئىككى ئايدا كەشتىلەپ چىقتى، ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بۇ ئارقىلىق ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان ئۈمىدىمىز ۋە سىزگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز››، دېدى.

  ئاچا – سىڭىل ئىككىسى 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئىككى بالىسى ۋە رامكىلىق كەشتىسىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، ئاپتوبۇستا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ، 700 – 800 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹‹ئەسلى بىز بۇ رامكىلىق كەشتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئۆز قولىمىز بىلەن ئاپىرىپ بەرمەكچى ئىدۇق، لېكىن بېيجىڭغا بارىدىغان يول بەك يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز خەنزۇچىنى بىلمىگەچكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بۇ رامكىلىق كەشتىنى باش شۇجىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلدۇق››.

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بارغىنىغا ئوخشاش ئىشنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى. بۇ ئاچا – سىڭىللارنىڭ باش شۇجىغا كەشتە سوۋغا قىلىشىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى قوللانغاندىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ نامايەندىسى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسكەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرشىدۇر››.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر