باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىزنىڭ پەخرىمىز !

2015.09.06 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھېبىبۇللا تۇردى خەۋىرى، فوتوسى) دۆلىتىمىزنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسى ۋە دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامما مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىۋاستە ئۇلاپ تارقاتقان فىلىمىنى كۆردى. شايار ناھىيە قايلور يېزىسى توقاي كەنتىدىكى ئاممىمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت ياچېيكىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كەنت پائالىيەت زالىدا مەزكۇر فىلىمنى كۆردى.

  فىلىم ئاياقلاشقاندا كەنت ئاممىسى بەس- بەستە ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان پەخىرلىنىش ۋە ھاياجان تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىزنىڭ پەخرىمىز، دېيىشتى. شۇ كۈنى يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقان ئاممىسىنى تەشكىللەپ، « ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرلەش» باش تېما قىلىنغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر