باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «قەلىبداشلار لوڭقىسى » دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى جام بازىرىدا ئېلىپ بېرىلدى

2015.09.07 11:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەخمەتجان ئىدىرىس خەۋەر قىلىدۇ: ناھىيەمىزنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «قەلىبداشلار لوڭقىسى »دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى 4-كۈنىگە قەدەم قۇيۇپ، 27-ئاۋغۇست جام بازىرىدا ئېلىپ بېرىلدى . بوزدۆڭ يېزىسى ،جام بازىرى ۋە ئىشلەمچى يېزىسىدىن كەلگەن 130نەپەر دېھقان تەنھەركەتچى شۇ كۈندىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى ،700دىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىنى كۆردى .مۇسابىقە تەپكۈچ تىپىش ،ئارغامچا سەكرەش ،بىرلىيات ئويناش ،ۋالىبول ،ۋاسكىتبول ،تىكتاكتوپ ئويناش قاتارلىق 7تۈر بۇيىچە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىدى ، تەنھەركەتچىلەرنىڭ چەبدەس ماھارەتلىرى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

  ئىگىللىنىشىچە ،بۇ قېتىملىق دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت يىغىنىنى ناھىيەلىك پارتكوم ،خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن بۇلۇپ ،جىنخۇا شەھرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش قوماندانلىق شىتابى ،ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۈلۈمى ،مەدەنيەت تەنتەربىيە ،رادىئو-تېلۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان .مۇسابىقە كەنىت ،يېزا ۋە ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۈلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلدىغان بۇلۇپ ،كىيىنكى باسقۇچتا ناھىيەمىزدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدىكەن .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر