باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت چوڭ يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە ئۈندىدار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ

2015.09.07 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ يولۇچىلار بېكىتىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىككىلىك كودى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېلېفوندا ئۈندىدارنى ئېچىپ، «يولۇچىلار بېكىتى»نى ئىزدىسە شىنجاڭ يولچىلار بېكىتىنىڭ ئۈندىدار نومۇرى چىقىدۇ، بۇ ئۈندىدارغا ئەگىشىۋالسىلا تېلېفون ئارقىلىق ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبوسىنىڭ بىلەتلىرىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى تۆت چوڭ يولۇچىلار بېكىتى يېڭى تىپتىكى بىلەت سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتمەكچى.

  بۇ يىل 6-ئايدا، شىمالىي يولۇچىلار بېكىتى ئۈندىدار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋىلىشنى يولغا قويغان. نۆۋەتتە، شىمالىي يولۇچىلار بېكىتى ئۈندىدار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋىلىش تۈرىنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، 1-ئاۋغۇست يولۇچىلار بېكىتى، جەنۇبىي يولۇچىلار بېكىتىدىمۇ ئۈندىدار ئارقىلىق بىلەت سېتىۋىلىشنى يولغا قۇيۇشنى تېزلىتىۋاتقان بولۇپ، 11-سېنتەبىر ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سىتىۋېلىشتا، شىمالىي يولۇچىلار بېكىتىدە سانجى، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ 12 لېنىيەسى بولۇپ، جەنۇبىي يولۇچىلار بېكىتىنىڭ قەشكەر، خوتەن، تۇرپان، ئاقسۇ، بايىنغولىن، قىزىلسۇ قاتارلىق 46 لىنىيەسى بار، 1-ئاۋغۇست يولۇچىلار بېكىتىنىڭ سانجى، كۇيتۇن، شىخەنزە ۋىلايىتىنىڭ 27 لىنىيەسى بار.

  پەقەت ئۈچ مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ

  پائالىيەت مەزگىلىدە: ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۈەن ئېتىبارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كروران تيەنچېڭ تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېڭشۈن شىركىتى شىنجاڭ يولۇچىلار بېكىتىنىڭ ئۈندىدار ئارقىلىق بېلەت سېتىۋىلىش سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى قوللاش ئۈچۈن، 11-سېنتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە ئېتىبار پائالىيەتنى يولغا قويغان بولۇپ، جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنلىرىگىچە، ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ھەر بىرى بىر بىلەتتىن بەش يۈەن ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ؛ دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە 1-200 يۈەنلىك كارتىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار بولۇپ، كارتنى بىلەت سېتىۋالغاندا ئىشلەتسە بولىدۇ.

  ئۈچ كۈن بۇرۇن بىلەت سېتىۋالغىلى بولىدۇ


  1-ئاۋغۇست يولۇچىلار بېكىتىدىكى شىخەنزە، كۇيتۇن قاتارلىق يولۇچىلار تېز ئاپتوبۇسىنىڭ بېلىتى يەتتە كۈن بۇرۇن سىتىۋالغىلى بولغاندىن سىرت، شىمالىي ۋوگزالدىكى فۇكاڭ لىنىيەسىدە شۇ كۈنى بېلەت سېتىۋىلىش لازىم، باشقا يولۇچىلار بېكەتلىرىنىڭ ھەر قايسى لېنىيەلىرىنىڭ بېلىتى ئۈچ كۈن بۇرۇن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر