خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6 -سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:9- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كىيىن، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر، ئاتاقلىق يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» ناملىق ئۆزىنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان ئىككى قىسىملىق چوڭ ھەجىملىك تارىخىي رومانىنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرەسىگە تەقدىم قىلدى.
سۈرەتتە: ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي(ئوڭدا) قەشقەر شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن(سولدا) بىلەن بىرگە رومانىنى مەقبەرىگە تەقدىم قىلماقتا.
(تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى فوتوسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى