باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

1-سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭدا ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلنىڭ ئېلېكترونلۇق رېتسېپى توردا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ

2015.08.26 13:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- سېنتەبىردىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى رايون دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلنىڭ ئېلېكترونلۇق رېتسېپى توردا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلۇپ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان«ئاپتونوم رايوننىڭ رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل داۋالاش تىزىملاش دەپتىرى»ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  25-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىملىق ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلنىڭ ئېلېكترونلۇق رېتسېپى توردا راسچوت قىلىش يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى تونۇشتۇردى. 1- سېنتەبىردىن باشلاپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان«ئاپتونوم رايوننىڭ رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل داۋالاش تىزىملاش دەپتىرى»ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئېلېكترونلۇق رېتسېپى توردا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقلار دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيىدە داۋالانغاندا پەقەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئېلىۋالسىلا بولىدىكەن، «ئاپتونوم رايوننىڭ رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەل داۋالاش تىزىملاش دەپتىرى»نى ئېلېۋېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ئامبولاتۇرىيدە ئالاھىدە سوزۇلما كېسەلنىڭ ئېلېكترونلۇق رېتسېپى توردا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى باشقا جايدىكى كىشىلەرنىڭ سوزۇلما كېسەل داۋالاش تىزىملاش دەپتىرى ئىشلىتىش ئۆلچىمى بىكار قىلىنىپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ سوزۇلما كېسەل داۋالاش تىزىملاش دەپتىرى يوق بۇلۇش ياكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايغا قايتىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقىنى تۈگىتىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر