باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش، باشقۇرۇش يېڭى سىياسىتى پۈتۈن شىنجاڭدا يولغا قويۇلدى

پاسپورت بېجىرىش، «شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن يول خېتى» قاتارلىق ئۈچ جەدۋەل بىرلەشتۈرۈلدى

2015.08.21 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 20-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن كېيىن ئاھالىلەر پەقەت بىر پارچە ئىلتىماس جەدۋىلى تولدۇرسىلا، بىرلا ۋاقىتتا پاسپورت، شياڭگاڭ-ئاۋمېن يول خېتى ۋە تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتىنى بېجىرەلەيدىكەن.

  يېقىندا ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى پاسپورت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، بىرلىككە كەلگەن ئادەتتىكى پاسپورت تارقىتىش باشقۇرۇش سىياسىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئىلتىماس قىلىش سىياسىتى بىردەك بولىدۇ، ھەمدە ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى ۋە بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نورمال قانۇنلۇق بولغان چېگرادىن كىرىپ چىقىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش باشقۇرۇش خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر»نى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ، ئادەتتىكى پاسپورتنى تارقىتىش باشقۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشىدى، ھازىر بۇ يېڭى سىياسەت پۈتۈن شىنجاڭدا يولغا قويۇلدى.

  «ئۈچ جەدۋەلنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئەڭ قولايلاشتۇرىدىغىنى ئىلتىماس قىلغۇچى پەقەت بىر پارچە جەدۋەل تولدۇرۇپ، بىر قېتىم سۆرەتكە چۈشۈپ، كىملىك، نوپۇس دەپتىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن پەقەت بىر نۇسخا تاپشۇرسىلا، پاسپورت ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەنگە بېرىپ كېلىشتىكى مۇناسىۋەتلىك كېنىشكىلەرنى ئاسانلا بېجىرەلەيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش كېنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى» بىلەن ئەسلىدىكى «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»، «ئىچكىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىغا بېرىپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى» ۋە «چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىنىڭ تەيۋەن رايونىغا بېرىپ كېلىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى» قاتارلىق ئۈچ جەدىۋەلگە سېلىشتۇرغاندا، شەخىسلەر ئۇچۇرى تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ بولغان، تويلىنىش ئەھۋالى، خىزمەت ئورنى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانا ۋە ئاساسلىق ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز بولغان.

  دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شەخس تەۋە بولغان ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ خادىم باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلىغاندىن كېيىن چىقارغان چىگرادىن چىقىشقا قوشۇلۇش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرگەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تەۋە قىسىم تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمېتى ج خ ئورگانلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا تاپشۇرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر