باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پىلاننىڭ مەشغۇلاتچانلىقى، ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2015.07.31 20:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  مۇخبىرىمىزچېن چېنخەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى غەربىي رايون مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇڭ جاڭشۈن باشچىلىقىدىكى مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىرلەشمە گۇرۇپپىسى 27 – ئىيۇلدىن 28 – ئىيۇلغىچە گۇما ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر گۇما ناھىيەسىنىڭ پىشنا يېزىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە باردى؛ ياپچان سۇ ئامبىرى، غالىبىيەت غول ئۆستىڭى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئۆيى، جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پىلانى ۋە يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلىدى.

  27 – ئىيۇل ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، تۇڭ جاڭشۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  تۇڭ جاڭشۈن ئالاقىدار تارماقلاردىن ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پىلاننىڭ مەشغۇلاتچانلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشنى؛ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر كىشىگىچە ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر